شامال ئېنىرگىيىسى

شامال ئېنىرگىيىسى بولسا ، يەر شارى سىرتقى يۈزىدىكى غايەت زور ھاۋانىڭ يۆتكىلىشىدىن شەكىللەنگەن ھەرىكەت ئېنىرگىيىسى ،يەر يۈزىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ قۇياش ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرغا ئۇچرىغاندىن كېيىنكى ھاۋا تېمپىراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ھاۋا تەركىبىدىكى سۇ ھورىنىڭ مىقدارى ئوخشاش بولمىغاچقا ،شۇ سەۋەپتىن ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ھاۋا بېسىمىدا پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،گورزىنتال يۆنىلىشتە يۇقىرى ھاۋا بېسىمى تۆۋەن ھاۋا بېسىملىق رايونلارغا قاراپ يۆتكىلىدۇ ،ھەمدە شامالنى شەكىللەندۈرىدۇ ، شامال ئېنىرگىيىسى بايلىقى شامال ئېنىرگىيىسى زىچلىقى ۋە يىللىق شامال ئېنىرگىيىسى توپلانما سانى

ئۇيغۇرچە نامى شامال ئېنىرگىيىسى
تۈرى بىر قېتىملىق ئېنىرگىيە
خەنزۇچە نامى 風能
پەيدا قىلىدىغان ئېنىرگىيە مىخانىك ئېنىرگىيە

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

شامال ئېنىرگىيىسى بولسا ھاۋانىڭ ئېقىش ھەركىتىدىن پايدىلىنىپ كىشلەرگە تەمىن ئېتىدىغان بىرخىل ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئېنىرگىيە،قايتا ھاسىل بولىدىغان بايلىققا تەۋە ،ھاۋا ئېقىمى ئىگە بولىدىغان ھەرىكەت ئېنىرگىيىسى شامال ئېنىرگىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ ،ھاۋا ئېقىمى قانچە تېز بولسا ئېنىرگىيە شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ ،كىشلەر چاخپەلەك ئارقىلىق شامال ئېنىرگىيىسىنى ئايلانما ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ گېنراتورلارنى ھەركەتلەندۈرۈگەن،شامال ئېنىرگىيىسى نۆۋەتتىكى تۇرمۇشىمىز ۋە تەرەققىياتىمىزغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشتى .

ئالاھىدىلىكى

شامال ئېنىرگىيىسى بولسا ئىنتايىن مول بولغان ،تۈگىمەس ،ئىشلىتىلىشى كەڭ ،غايەت زور كۆلەمدە تەننەرخ تېجەيدىغان ،بۇلغاش دەرىجىسى تۆۋەن بولغان، قايتا ھاسىل بولىدىغان، پاكىز بولغان ئېنىرگىيە مەنبەسى ،ئۇنىڭ پارنىك ئېففىكتىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار ،يەر شارى يۈزىنىڭ بەلگىلىك دائىرىسى ئىچىدە مەۋجۈد، ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆلچەش، تەكشۈرۈش ۋە سىتاستىكى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئوتتۇرىچە شامال ئېنىرگىيىسى زىچلىق دەرىجىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى مەزكۇر دائىرە ئىچىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئاساس بولىدۇ ، ئومۇمەن ئېنىرگىيە زىچلىق دەرىجە سىزىقى ئارقىلىق خەرىتىدە ئىپادىلىنىدۇ .

مەنبەسى

شامال بولسا يەر شارىدىكى بىرخىل تەبىي ھادىسە ، ئۇ قۇياش رادىئاتسىيە ئىسسىقلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ، قۇياش نۇرى يەريۈزىگەچۈشكەندىن كېيىن ،يەر يۈزىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىنىڭ ئىسسىقىلقنى قۇبۇل قىلىشى ئوخشاش بولمىغاچقا تېمپىراتۇرا پەرقىنى پەيدا قىلىدۇ ، شامال ئېنىرگىيىسى بولسا ھاۋانىڭ ھەرىكەت ئېنىرگىيىسى، شامال ئېنىرگىيىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى شامال سۈرئىتى ۋە ھاۋانىڭ زىچلىق دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھاۋانىڭ ئېقىشىدىن شەكىللەنگەن ھەرىكەت ئېنىرگىيىسى بولسا شامال ئېنىرگىيىسى ،شامال ئېنىرگىيىسى بولسا قۇياش ئېنىرگىيىسىنىڭ بىرخىل ئايلانغان شەكلى، قۇياش نۇرىنىڭ يەريۈزىدىكى قۇبۇل قىلغان ئىسسىقلىقى تەكشىسىز بولغاچقا ئاتموسفېرا بېسىمىنىڭ تەشىسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھاۋانىڭ سۇ يۈزىنى بويلىغان گورزىنتال ھەرىكىتى شامالنى شەكىللەندۈرىدۇ ،شامالنىڭ شەكىللىنىشى ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھەرىكىتى .

دۆلىتىمىزنىڭ پايدىلىنىش ئەھۋالى

دۆلىتىمىز شامال كۈچى ماشىنىسىنىڭ تەرەققىياتى، 50-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى ھەرخىل ياغاچ قۇرۇلمىلىق سايىۋەن شەكىلدىكى چاقپەلەك بولۇپ .1959- يىللاردا جىياڭسۇ ئۆلكىسىدە 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىدى،60- يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاساسلىقى شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ سۇ كۆتۈرۈش ئۈسكۈنىسى تەرەققى قىلدى،70-يىللارنىڭ ئوتتۇرىدىن كېيىن شامال ئېنىرگىيىسىنى ئېچىش ۋە ئىشلىتىش «ئالتىنچى بەش يىللىق » دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى ،80- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە جوڭگۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ دانىيە ،بېلگىيە،شېۋىتسىيە،ئامېركا ،گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن بىر تۈركۈم ئوتتۇرا ۋە چوڭ تىپتىكى شامال كۈچى گېنراتورلىرىنى كىرگۈزدى ،شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل شامال ئېغىزلىرى ھەمدە شەندوڭ ،جېجىياڭ ،فۇجىيەن ،گۇاڭدوڭ ئاراللىرىدا 8 ئۈلگىلىك شامال كۈچى ئارقىلىق توڭ چىقىرىش مەيدانلىرىنى قۇرۇپ چىقتى . 1992-يىلى قۇراشتۇرۇلغان سىغىمچانلىقى 8000 كېلوۋاتقا يەتتى ،شىنجاڭ داۋانچىڭنىڭ شامال كۈچى ئېلىكتىر مەيدانلىرىنىڭ قۇراشتۇرۇلغان سىغىمچانلىقى 3300 كېلوۋاتقا يېتىپ نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ شامال كۈچى ئېلىكتىر مەيدانى بولۇپ قالدى . نۆۋەتتە دۆلىتىمىز 100 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى ۋە ئوخشاش بولمىغان سىغىمدىكى شامال كۈچى گېنراتورلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ،لېكىن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا جوڭگۇنىڭ شامال ئېنىرگىيىسىنى ئېچىپ پايدىلىنىشى خېلى بەكلا ئارقىدا ،تەرەققى قىلىش سۈرئىتى ئاستا بولۇپلا قالماي يەنە تېخنىكا سەۋيىسىمۇ تۆۋەن .كۆلەملىشىش دەرىجىسىگە بارغىنى يوق، 21-ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان جوڭگۇ شامال ئېنىرگىيىسىنى ئېچىش،پايدىلىنىش قاتارلىق تەرەپلەرگە بولغان مەبلەغ سېلىشىنى كۈچەيتىپ ،يۇقىرى سۈپەتتىكى پاكىز بولغان شامال ئېنىرگىيىسنىڭ جوڭگۇنىڭ ئېنىرگىيە قۇرۇلمىسىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتەردى .