مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسى MH370

م خ 370 نەزەريەلىك ئىزدەش دىئاگراممىسى
ئىزدەش دىئاگراممىسى

2014-يىلى 8-مارت، مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسى MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانى كۇئالالامپۇردىن بېيجىڭغا ئۇچۇش جەريانىدا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان، ئايروپىلاندا 227 نەپەر يولۇچى ۋە 12 نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار. ئارقىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەر چوڭ كۆلەملىك ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان، لېكىن ھازىرغىچە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئىز-دېرىكىنى بايقىيالمىغان.

ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى

مالايسىيە ئاۋىئاتىسىيەسى

يۇقاپ كىتش ئۇچۇرى

ۋاقتى: 2014-يىلى 8-مارت

خۇلاسە: سەۋەبى تىخىغىچە تېپىلمىدى، ئىزدەش توختىتلدى

چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن: جەنۇبى ھىندى ئوكيان

ئايروپلان ئۇچۇرلىرى

ئۇچقۇ تىپى: بوئىن 777-200ER

تەۋە ئورگان: مالايسىيە ئاۋىئاتسىيەسى

تىزىمغا ئالغان نۇمۇرى: 9M-MRO

ئۇچقۇ باشلانغان جاي: ماليسىيە، سېپاڭ، كۇئالامپۇر خەلقئارا ئايىردۇرۇمى

ئۇچقۇ نىشانى: بېيجىڭ خەلقئارا ئايىردورومى

يۇلۇچى سانى: 227

خىزمەتچى: 12

قازا قىلغانلا سانى: 239

ھايات قالغانلار سانى؛ 0

ئىزدەش كۈرۈنۈشى

ئىزدەش جەريانى

بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مالايسىيا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 10-يانۋار كۇئالالامپۇردا ئامېرىكىدىكى «چەكسىز دېڭىز» شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، MH370 يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش خىزمىتىنى قايتا باشلىغان بولۇپ، مۇددىتى 90 كۈن بولغان. بۇ ئىزدەش ھەرىكىتى «نەتىجە بولمىسا، ھەق ئالماسلىق» ئاساسىغا قۇرۇلغان، يەنە بۇ شىركەت پەقەت ئايروپىلان قالدۇقى ياكى ئايروپىلان ئۇچۇرۇش خاتىرىلىگۈچىنى تاپالىسا ئاندىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 70 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىش ھەققىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئايروپىلان قالدۇقىنى ئىزدەش ھەرىكىتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋاقىتلىق توختىتىلغان. 2018-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدىكى خەۋەردە، مالايسىيا يەرلىك ئورگانلىرى شەخسىيلەر ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ئايروپىلان قالدۇقىنى ئىزدىشىگە يول قويغاندىن كېيىن، مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا «چەكسىز دېڭىز» ئىزدەش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قوشۇلۇپ، ئىزدەش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. يېقىندا، مالايسىيا ئىزدەش خىزمىتىنىڭ 2018-يىلى 29-ماي ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەنبە

جوڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى http://www.uycnr.com/wyzl/201805/t20180531_1249305.html